مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2021.02.20 19:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 19-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش __ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى دوكلاتى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا «مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردا باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «”كەنت زومىگەرلىرى“مەسىلىسىنىڭ سىجىل ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دەۋا مەنبەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مەنبەدىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ۋە باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، ئاساس سالىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۇزاققىچە مەنپەئەت بېرىدىغان تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئارقىلىق خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان چوڭقۇر ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئامىل تەقسىماتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يېڭىچە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۇھىم ساھەلەردىكى قىيىن تېخنىكىغا ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەردىكى قىيىن ئۆتكەلنى ئۈنۈملۈك بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش؛ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىدىغان چوڭقۇر ئىسلاھاتنى چۆرىدەپ، ئادىل رىقابەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنات زەنجىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ تولۇق يۇغۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلۇشىنى، سىستېمىلىق توپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىدىغان چوڭقۇر ئىسلاھاتنى چۆرىدەپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر تۈزۈمى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قايتا تەقسىماتنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىكى چوڭقۇر ئىسلاھاتنى چۆرىدەپ تاۋار، مۇلازىمەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئامىللارنى كۆچمە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قائىدە، بەلگىلىمە، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئىجازىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ئىناۋەت سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئومۇميۈزلۈك، يېشىل تىپنى ئۆزگەرتىشتىكى چوڭقۇر ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ چوققا قىممىتىگە يېتىش ھەرىكەت لايىھەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تۈزۈپ، تەرەققىياتنى بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. بىرىنچى، سىستېمىلىق قاراش بولۇش، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، ئومۇمىيەت نەزەر دائىرىسى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات سىياسىتى، ئىلگىرىلەش دەرىجىسى، ئۈنۈمنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرغا ئىگە بولۇپ، ئىككى نۇقتىچىلىق نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتىچىلىق نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكىدە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولۇشى كېرەك، ئىسلاھات سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇشنىڭ بەزىلىرىنى مەركەز قاتلىمىدىن بىر تۇتاش باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بەزىلىرىنى يەرلىك ئاساسىي قاتلامدا ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالدىن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆتىنچى، مىخلاش روھى بولۇشى كېرەك، ئىسلاھاتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ ھەم ئەسلىدىكى تۈزۈم ئاساسىدا داۋاملىق «پۇختىلاش»، ھەم ھازىرقى تۈزۈم رامكىسىدا «مۇكەممەللەشتۈرۈش»نى ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈم توسۇقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈزۈم ئىجراسىنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تاۋارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستېمال قاتارلىق كۆپ ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، قانۇن، مەمۇرىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ باھانى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ۋە باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئەڭ جىددىي، ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ جاپالىق داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا، ئاساسىي داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ جامائەتچىللىك خاراكتېرىدە، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى داۋالاش بىلەن جىددىي داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، سىستېمىدا، تېخنىكىدا، ئەندىزىدە، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى كېڭەيتىش ۋە رايونلارغا تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش، ئېغىر يۇقۇم ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردا باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ھازىرقى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئىش ئورنىنىڭ دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئايرىش، ئاساسلىقى ئەخلاق-قابىلىيەت ساپاسى، شەخسىي خىزمەت ئىستاژى، خىزمەت نەتىجىسىنى نامايان قىلىدىغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە خەلقنى، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاش، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نوپۇزلۇق دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللارنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، تاسادىپىي يۈز بەرگەن زور، پەۋقۇلئاددە زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، سىستېمىلىق تەكشۈرۈش، باھالاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، كۆزىتىپ باھالاش، جىددىي ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشتا، مۇھىمى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى بىر مەھەل ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى تەلتۆكۈس چۆرۈپ تاشلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار نەپ ئالىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان، بۇزغۇچىلار تۆلەم تۆلەيدىغان مەنپەئەت يېتەكچىلىكى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر قاتنىشىدىغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىدىكى «كەنت زومىگەرلىرى» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ ۋە قوبۇل قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن قۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، بولۇپمۇ ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوملارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «كەنت زومىگەرلىرى» مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا ھەم كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەسىلە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دەۋاغا ياتمايدىغان ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ قانۇنچىللىق كۈچىنى يېتەكلەش ۋە راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، دەسلىپىدىلا ھەل قىلىش، ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋانىڭ ئېشىش مىقدارىنى مەنبەدىن ئازايتىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ