مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.02.18 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ھارپا كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگونىڭ كالا يىلىدىكى چاغاننى ئۆزئارا تەبرىكلىدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  بايدېن جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى، گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بايدېننىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بولدى. گەرچە بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، قارشىلاشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى. جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن جەزمەن بىر ئاپەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. سىز ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئېھتىماللىق دېگەن ئىدىڭىز. ھازىر بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى دۆلەت ئورتاق تىرىشىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان قاراشلىرى بار، مۇھىمى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىجابىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق تىزگىنلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىكى كەڭ مەسىلىلەر ھەمدە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، قانۇن ئىجراسى، ئارمىيە قاتارلىق تارماقلىرىمۇ كۆپرەك ئۇچراشسا بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۈرلۈك سۆزلىشىش مېخانىزمىنى قايتىدىن ئورنىتىپ، بىر-بىرىنىڭ سىياسەت مۇددىئاسىنى توغرا چۈشىنىپ، خاتا چۈشىنىپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. قايسىلىرىنىڭ ئىختىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ناھايىتى ياخشى تىزگىنلىشى كېرەك؛ قايسىلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئەھمىيىتى بولسا، شۇلارنىڭ ھەمكارلىق يولىغا مېڭىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ئېنىقسىزلىققا تولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئىككى تەرەپ دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  بايدېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ۋە ئۇلۇغ مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت، جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ خەلق. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو توقۇنۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلاشسا بولىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆزلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشىنىپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۈگۈنكى تېلېفونلىشىش دۇنياغا ئىجابىي سېگنال بېرىدۇ، دەپ قارىدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ