مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى

2021.02.19 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۇلتۇر، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنىڭ سانى كۆپىيىش، بېجىرىش ۋاقتى قىسقا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، گوۋۇيۈەندىكى ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇم تەسىرى قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بېجىرىش خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 8108 تەۋسىيەسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 4115 تەكلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەۋسىيە، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %88.3 ۋە %84.9تىنى ئىگىلىدى. تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تارماقلار ۋەكىل، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپىدىن تەخمىنەن 3700نى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-تەدبىردىن تەخمىنەن 1500نى چىقىرىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا پائال رول ئوينىدى. يىغىندا قوبۇل قىلىنغان پىكىر-تەكلىپلەرگە قارىتا، سىجىل تۇتۇپ نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ۋەكىل، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش، تەۋسىيە، تەكلىپلىرىنى بېجىرىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ۋە سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە سىڭدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش ۋە يىغىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىپ ياندىن ئاڭلىغاندا، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار تور، قىزىق لىنىيە نۆۋەتچى تېلېفونى، سىن ئۇلاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى پائال كېڭەيتىپ، ۋەكىل، ئەزالار بىلەن توسالغۇسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش بىلەن تۈرلۈك كەسپىي خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ۋەكىل، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، بەزىلىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزىتىلمىسىگە كىرگۈزۈپ، بەزىلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ياكى سىياسەت زاپىسىغا كىرگۈزۈپ، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ چوڭقۇر ۋە توغرا چۈشىنىشىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇناسىۋەتلىك ۋەكىل، ئەزالارنى قاتنىشىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىپ، بېجىرىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇھىم نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى تەۋسىيە، تەكلىپلەرگە قارىتا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېجىرىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. تەۋسىيە، تەكلىپلەردىكى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بىر تەرەپ قىلىش قىيىن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مەخسۇس خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. بېجىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، يەرلىككە چېتىشلىق تەۋسىيە، تەكلىپلەرگە قارىتا، تارماق بىلەن ۋەكىل، ئەزالار، يەرلىك بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ، بېجىرىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بېجىرىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. بېجىرىش جەريانىدا ۋەكىل، ئەزالارغا خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ، جاۋاب قايتۇرۇش مەزمۇنىنى ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېجىرىش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار كارغا كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بېجىرىش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىل، ئەزالار ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ