مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كوۋېر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.02.20 19:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كوۋېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى ئورباننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال قوللىدى؛ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئېقىمغا قارشى ۋەزىيەتتە كۈچىيىپ، مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ئېلاستىكلىق ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىرگە بولىدىغان دوستانە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، زۇڭلى ئورباننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلىق، تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى، بۇ، كەلگۈسى ھەمكارلىق، تەرەققىياتنى پىلانلاش، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى پائال ئادا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ۋېنگىرىيە بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋېنگىرىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامنىڭ زىچ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار بىلەن دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كوۋېر مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە-جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەم يېڭى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مەنزىلىنى ئېچىپ بەردى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتا ماددىي ئەشيا ۋە ۋاكسىنا قاتارلىق جەھەتلەردە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت. ۋېنگىرىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ــــ جۇڭگو ھەمكارلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ ۋە پائال قاتنىشىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ جەمئىيەت ۋە ئەلرايى ئاساسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەيما چىلىن سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ