مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2021.02.22 10:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتى نىزامى»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش چۆرىدىلىپ، چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پائال نەتىجە يارىتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىچكى - تاشقى بايلىق بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ھەمكارلىق شەكىللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتى نىزامى» جەمئىي سەككىز باب، 48 ماددا بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى. نىزامدا خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە ھەمكارلىق ساھەسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتى يىرىك پىلانى، پىلانى، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، خىزمەت كاپالىتى ھەمدە تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەر ئورنىتىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈش، خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ