شى جىنپىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلدى

پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى

2021.02.23 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىشقا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ھەم ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاي شارىنى تەكشۈرۈش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىچە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پىلانېتلار ئارا تەكشۈرۈش يېڭى مۇساپىسىنى قەدەممۇ-قەدەم باشلاپ، جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلاردا، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، تەتقىقات، سىناققا قاتناشقان خادىملار ۋەكىللىرىگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ سۈن جيادۇڭ، لۇەن ئېنجيې قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كېلىپ، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى ۋە ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئاي شارى ئەۋرىشكىسى، قۇرۇلۇش، تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش، ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە كېيىنكى تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ پات-پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ «ئايلىنىش، قونۇش، قايتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ قەدەملىك پىلانىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دۆلەتنىڭ يېڭىچە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيەت، ئالەم قاتنىشىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم نامايەندە بولۇپ، ئېلىمىز ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 17 يىلدىن بۇيان، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى تەتقىقاتىغا قاتناشقان بارلىق خادىملار ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتىن ئىبارەت ئاي شارىنى تەكشۈرۈش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز چىقتى، بۇ − كىشىنى خۇشال ھەم خۇرسەن قىلىدۇ. پايانسىز ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۆت باسقۇچىنى ياخشى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قەدەمدە بىردىن ئىز قالدۇرۇپ، پىلانېتلار ئارا تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش؛ دۆلەتنىڭ يېڭىچە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى بوشلۇق ئىلمى، بوشلۇق تېخنىكىسى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، جاڭ يۇشيا، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىلەشكۈچىلەر، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ۋەزىپە كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى ئىگىلەپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، قۇرۇلۇش تۈرى تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيان، ئالتە قېتىملىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى. چاڭئې 5-نومۇرنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىمىزنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تېخنىكا ھالقىش ئارىلىقى ئەڭ چوڭ ئالەم قاتنىشى سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلىمىزنىڭ يەر شارى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كېلىشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئاي شارى ۋە پىلانېتلارنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ