مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«داۋالىنىش كاپالىتى فوندى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021.02.20 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)، 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىش كەڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فوند بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «نىزام» تۈزۈش زۆرۈر.

  بىرىنچىدىن، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا «فوند بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، فوندىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش» تۈپ مەقسەت قىلىنىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىدە خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇق، بىخەتەر، ئاشكارا، خەلققە قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى ئاممىۋى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ، تېببىي دورا مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتى ۋە تېببىي دورا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئىككىنچىدىن، فوندنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا داۋالىنىش كاپالىتىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار، نۇقتىدا بەلگىلەنگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك سۇبيېكتلىق ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۈچىنچىدىن، سىستېمىلىق بولغان فوندىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. «نىزام»دا مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئاخبارات تاراتقۇسى جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى، ساھە تەلەپچانلىقى ئۆزئارا بىرلەشكەن نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىندى؛ داۋالىنىش كاپالىتى، سەھىيە-ساغلاملىق، جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىندى؛ داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى ئىچىدە مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساس، كېلىشىم بويىچە باشقۇرۇش ماسلاشقان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

  تۆتىنچىدىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى زورايتىلدى. «نىزام»دا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش، ئىجازەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش، تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى توختىتىش، مۇلازىمەت كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، داۋالىنىش ھەققىنى تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىشنى توختىتىش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملارغا قانۇن بويىچە جازا بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ