مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېڭى دەۋردە مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

2020.10.14 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يېڭى دەۋردە مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  مائارىپنى باھالاش − مائارىپنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، قانداق باھا بېرىش قوماندانلىق تايىقى بولسا، شۇنداق مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، نومۇر، ئۆرلەپ ئوقۇش، دىپلوم، ئىلمىي ماقالە، قالپاق دېگەنلەرنىلا ئاساس قىلىشتەك جاھىل ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، مائارىپنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىلمىي بولغان مائارىپ تەرەققىيات قارىشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قارىشى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ