مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2020.08.12 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، ئۇ خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا، «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ھەممە كىشىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممە كىشى بەھرىمەن بولۇشتەك ئورتاق گەۋدىنى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇ ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىكىشتا، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش ۋە كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ بىرىكمە كۈچ توپلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇنىڭدا، ھەممە كىشىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممە كىشى بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پۈتكۈل جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بولىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. بۇ جەرياندا، پارتكوم، ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جامائەت قاتارلىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتكومنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى بىرىكتۈرۈشتىكى مەمۇرىي ئەۋزەللىكىنى، كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىدىكى ئەۋزەللىكىنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ «كىچىك، تېز، توغرا» بولۇشتەك خىزمەت ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇلۇپ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە تايىنىش ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇش، بەھرىمەن بولغاندا چوقۇم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەمدە ھەممە كىشىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەم بەھرىمەن بولۇشتەك بۇ نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ بىرى، ھەمدە ئۇ ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم سۇپا ۋە ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولى تېخىمۇ كۈچەيدى، ۋەزىپىسى تېخىمۇ كۆپ خىل بولدى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، مالىيەدىن ياردەم بېرىش قاتارلىق قاتلاملاردا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تەلەپچان بولۇش، قانۇن بويىچە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ