مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ تەربىيەنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

-- «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.10.23 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قانات يايدۇرۇلدى، ئامما ئەڭ ئېنىق كۆرۈپ، ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. بىز ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بارماي، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىچىدىكى بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى خەلق ئاممىسى كۆپ ھاللاردا ئېنىق كۆرەلەيدۇ. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە ئادىشىپ كېتىش بولغان-بولمىغانلىقى ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان-ساقلىمىغانلىقىنى ئامما باھالىشى ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىنىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيىسىنىڭ قاتلىمىنى تۆۋەنگە يۆتكەشنىڭ دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ۋە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ مائارىپنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ۋە ياخشى تۇتقاندىلا، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ مائارىپنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتە، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش كېرەك.ئاممىدىن پىكىر يىغقان ئاساستا پىكىر بايان قىلىش ئۈچۈن، پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىش، پىكىر ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىش، خەلق تۇرمۇشى قىزىق لىنىيەسى ۋە ئۈندىدار سۇپىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا، پىكىر ئېلىشنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىشكە ۋە ئاممىنىڭ ھەقىقىي پىكرىنى ھەقىقىي توپلاشقا بولىدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ۋە قاتتىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ