مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي كانادا تەرەپتە، دېدى

2019.08.23 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا زۇڭلىسى تىرودونىڭ «كانادا ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان تۈرلۈك ئىشلاردا چېكىنمەيدۇ»، دېگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 22-ئاۋغۇست قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتى ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي كانادا تەرەپتە.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: كانادا تەرەپ نۆۋەتتىكى جۇڭگو-كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ تۈگۈنىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ. يوللۇق بولۇش ئاۋازنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئەمەس، ئادالەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كانادانىڭ خاتالىقلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مېڭ ۋەنجوۋنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ يەنە كانادا تەرەپنىڭ يېقىندا شياڭگاڭ مەسىلىسىدە ئارقا- ئارقىدىن جار سېلىپ، بىر قاتار خاتا سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. كانادا تەرەپنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىنى قالايمىقان ئەيىبلەشكە ھېچقانداق سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقى يوق. «بىز كانادا تەرەپنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئەمەل قىلىپ، شياڭگاڭ ئىشلىرىدا قالايمىقان گەپ قىلىپ، قول شىلتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ