مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاھالىلەر كىملىكىنى ساختا ياساش ۋە ئېلىپ-سېتىش دېلولىرىدىن 32مىڭدىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلدى

2019.08.23 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى 21- چېسلا بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكىنى يالغاندىن ياساش ۋە ئېلىپ-سېتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گو لىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج خ مىنىستىرلىقى ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىڭشېڭ، نوپۇس باشقۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شۇاڭچۈەن، جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شياڭ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خۇڭيې، قانۇنچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن پىڭ، پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ خېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  گو لىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،ئاھالىلەر كىملىكى بولسا، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەت ئىسپاتى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئەڭ مۇھىم گۇۋاھنامە. ج خ مىنىستىرلىقى ئاھالىلەر كىملىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كىملىكنى باشقا جايدا قوبۇل قىلىش، كىملىك رەسىمىنى «كۆپ سۈرەتكە ئېلىش، ئالدىن تاللاش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق بولغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەردىن كىملىك نومۇرى خاتا بولۇش، قايتا نومۇر قويۇش ۋە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ توغرا بولۇش، بىردىنبىر بولۇش ۋە نوپۇزلۇق بولۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. لېكىن، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ۋە تورلىشىشىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇچۇرنى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئاھالىلەر كىملىكىنى ساختا ياساش، ئېلىپ-سېتىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى. 2018- يىلىدىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاھالىلەر كىملىكىنى ساختا ياساش ۋە ئېلىپ-سېتىش دېگەندەك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش ۋە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇنداق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە پۈتۈن زەنجىر ۋە پۈتۈن ھالقا بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ