مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

128 تۈرلۈك دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش سۆھبىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2019.08.22 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 20-ئاۋغۇست 2019-يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىجازەت مۇندەرىجىسىدىكى دورىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. يېڭى مۇندەرىجە 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە بېلەت تاشلاپ تاللاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، 109 غەربچە دورا ۋە 19 تەييار جۇڭيى دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 128 دورىنى سۆھبەت ئىجازىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى. بۇ دورىلارنىڭ داۋالاش ساھەسى ئاساسلىقى راك كېسىلى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە چېتىلىدۇ. نۇرغۇن مەھسۇلاتلار دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىنقى يىللاردا تەستىقلىغان يېڭى دورا بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سۆھبەت ئىجازىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا دورا مۇندەرىجىسىگە ئىجازەت بېرىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى زور يېڭىلىق بولۇپ، 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىلاروپېپتىد، چۈيتوجۇ يەككە ئانتىتېلاسى، لەينادۇئامىن، ئوستىگنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 خىل ۋە 17 خىل دورىنى كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دورا ئىشلىتىش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، فوندنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قېتىمقى مۇندەرىجىنى تەڭشەش − سۆھبەت ئىجازىتى ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تەرتىپ بويىچە سۆھبەتلىشىدىغان دورا كارخانىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى يىغىپ، كارخانىلارنى تەلەپ بويىچە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللەيدۇ، ھېسابلاش مۇتەخەسسىسلىرى دورا ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە فوندنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى باھالاپ، سۆھبەتنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتىدۇ، سۆھبەت مۇتەخەسسىسلىرى كارخانا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلغان مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چىقىم ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە مۇندەرىجە دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، فوند بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  2017-يىلى سۆھبەت ئارقىلىق ئىجازەت بېرىلگەن، كېلىشمدە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مۇددىتى توشىدىغان ھەمدە ھازىر تېخى تەقلىدىي دورا بازارغا سېلىنمىغان 31 خىل دورىنىڭ كېلىشىمىنى ئۇزارتىش سۆھبىتى سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان 128 خىل دورىنىڭ ئىجازەت سۆھبىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ