مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 70 يىلدا 114 ھەسسە ساپ ئاشتى

كۆمۈر قېزىشتا ماشىنىلىشىش دەرىجىسى %78.5كە يەتتى

2019.08.22 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كۆمۈركان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يۈجى 21-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىكى 32 مىليون توننىدىن 2018-يىلىدىكى 3 مىليارد 680 مىليون توننىغا يېتىپ، 114 ھەسسە ساپ ئاشتى، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇشتىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن ئارتۇق بولۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشقا ئۆزگەردى.

  كۆمۈرچىلىك سانائىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، كۆمۈركان سانى 1997-يىلىدىكى 82 مىڭدىن ھازىرقى 5700گە ئازايدى، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

  كۆمۈر كاننىڭ تېخنىكىلىق جابدۇق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يىلىغا 10 مىليون توننا ئۇنىۋېرسال قېزىش ئۈسكۈنىسى، كۆمۈر قېزىش ماشىنىسى، سۇيۇقلۇق بېسىم ئارقىلىق تىرەك قويۇش ۋە توشۇش ماشىنىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەر دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى، 8.8 مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ قېزىش، يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال قېزىش ئىش دائىرىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلدى. مەملىكەت بويىچە كۆمۈر قېزىش، قېزىش-بۇرغىلاشتا ماشىنىلىشىش دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم %78.5، %60.4كە يەتتى، 183 ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر قېزىش ئىش دائىرىسى قۇرۇلۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدا قول بىلەن مەشغۇلات قىلىشتىن ماشىنىلىشىش، ئاپتوماتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ