مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇرۇقلۇق ئارمىيە 71-جىتۈەنجۈنى مەلۇم لۈيىنىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»:

يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى جەڭچىلىرىدىن بولايلى (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش __ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

مۇخبىرىمىز خې سۇڭ، نى گۇاڭخۇي، ياۋ شۆچىڭ

2019.08.21 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاڭ جيې روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇشال بولدۇم.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسىي قاتلامدىن كۈتىدىغىمىز زور. سىلەرنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتىپ، جاپالىق ماھارەت مەشىقى قىلىپ، يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى جەڭچىلىرىدىن بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ ئوچىقىدا ئوتتەك ياشلىق سەھىپىسىنى يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  __ شى جىنپىڭ

  «پېشقەدەم بەنجاڭ، ياخشىمۇ سىز! مەن <ۋاڭ جيې بەنى> نىڭ 31-نۆۋەتلىك بەنجاڭى ۋاڭ داماۋ بولىمەن! ھازىر سىزگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «ۋاڭ جيې بەنى» دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە يازغان جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ ئۆتىمەن!

  ۋاڭ داماۋ دېگەن پېشقەدەم بەنجاڭ داڭلىق قەھرىمان نەمۇنىچى ۋاڭ جيې ئىدى. 54 يىل ئىلگىرى، بىرونېۋىك ئەسكەرلەر مەلۇم قىسىمى ساپيورلار 1-ليەنىنىڭ بەنجاڭى ۋاڭ جيې خەلق ئەسكەرلىرىنى مەشىقكە تەشكىللەۋاتقاندا، تۇيۇقسىز پارتلىتىش دورىسىنىڭ پارتلىشىغا ئۇچراپ، نەق مەيداندىكى 12 خەلق ئەسكىرى ۋە خەلق قوراللىق كادىرىنى قوغداش ئۈچۈن، بەدىنى بىلەن پارتلىتىش دورىسىنى توسۇپ قېلىپ، 23 ياشلىق قىممەتلىك ھاياتى بىلەن ئۆزىنىڭ «جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقماسلىق»تەك جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى، «ۋاڭ جيې بەنى»نىڭ بەنجاڭى ۋاڭ داماۋ ۋە سەپداشلىرى ھاياجاندىن ئۇخلىيالمىدى.

  ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ رولى چوڭ

  «2017-يىلى ئىشتات تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش، ئىسلاھ قىلىشقا ئەگىشىپ، بىز ساپيورلار بەنىدىن تەڭشىلىپ بىرونېۋىك پىيادە ئەسكەرلەر بەنىگە ئۆزگەردۇق، يەنە ئىككى قېتىم كىيىم ئالماشتۇرۇپ، ھەممىنى باشقىدىن باشلىدۇق». 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 71-جىتۈنجۈن قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەخسۇس «ۋاڭ جيې بەنى»گە كېلىپ، جەڭچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ۋاڭ داماۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خەت يېزىشىمىزدىكى ئەسلىي مەقسىتىمىز، بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى رەئىس شى جىنپىڭغا دوكلات قىلىشتىن ئىبارەت.

  پۈتۈن بەن ۋە شەخسنىڭ نەتىجىسىنى يازساق بەك كۆپ بولۇپ كېتىدىكەن. جەڭچىلەر ئامال تېپىپ، ئۆزى رازى بولغۇدەك خىزمەت رەسىمىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، شەخسىي ئەھۋالىنى رەسىمنىڭ كەينىگە يېزىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالدى-كەينى سېلىشتۇرما ئومۇمىي جەدۋەل تۈزۈپ چىقتۇق.

  «مەن جەڭچىلەرگە بىرونېۋىك ھەيدەشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىمنى تاللاپ، خىزمىتىمىزدە تىپ ئۆزگەرتىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى دوكلات قىلدىم»، دېدى ۋاڭ داماۋ. ئۇنىڭ ئېسىدە، بىر قېتىملىق مانېۋىردا، يېتەكلەش گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىز بىرونېۋىك شوپۇرىنىڭ «ئۇرۇشتا قازا قىلغانلىقى»نى ئېيتتى، تەجرىبىسى مول بولغان ئۇنىڭ كاللىسى قېتىپلا قالدى، تاكى مانېۋىر ئاخىرلاشقىچە بىرونېۋىك مىدىرلىمىدى.

  (تولۇق تېكىستىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ