مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن جاي ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى

كىمنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن؟

2019.08.21 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، شەنشى ئۆلكىسى، بېيجىڭ شەھىرى ئارقا – ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىدى. 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يېڭى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6 – ئايغىچە، شاڭخەي شەھىرى ھەر ئايدا 2480 يۈەن ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بىلەن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭغان، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سائەتلىك مائاشى 24 يۈەن بىلەن مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.

  رايون پەرقى نېمىشقا بۇنچە چوڭ بولىدۇ؟

  __ ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاشى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق پەرقلىنىدۇ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بەشتىن ئارتۇق دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ.

  ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتى ياكى قانۇن بويىچە ئىمزالىغان ئەمگەك توختامىدا بېكىتىلگەن خىزمەت ۋاقتىدا نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ئەمگەك ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئايلىق ئۆلچەم ۋە سائەتلىك ئۆلچەم دەپ ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە، ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. جايلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەندە ئادەتتە بۇ ئىككى تۈرلۈك ئۆلچەمنى تەڭ تەڭشەيدۇ.

  ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاشقا نەزەر سالساق، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 32 جاي(31 ئۆلكە ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى)دا ھازىر يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئېشىپ، تەرتىپ بويىچە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھەر ئايدا 2480 يۈەن، شېنجېن شەھىرىنىڭ ھەر ئايدا 2200 يۈەن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەر ئايدا 2200 يۈەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر ئايدا 2100 يۈەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ھەر ئايدا 2050 يۈەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ھەر ئايدا 2020 يۈەن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر ئايدا 2010 يۈەن بولغان.

  ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاشقا نەزەر سالساق، بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاشىنىڭ ھەممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان. بېيجىڭ شەھىرى ھەر سائەتتە 24 يۈەن بىلەن ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاش بويىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭغان، ئۇنىڭدىن قالسا تەرتىپ بىلەن شاڭخەي شەھىرىنىڭ 22 يۈەن، تيەنجىن شەھىرىنىڭ 20.8 يۈەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 20.3 يۈەن، شېنجېن شەھىرىنىڭ 20.3 يۈەن بولغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك مائاشى ئاران 10.6 يۈەن بولۇپ، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بېيجىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق پەرقلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سائەتلىك مائاشى تۆۋەنرەك رايونلاردىن يەنە خۇنەن ئۆلكىسى(ھەر سائەتتە 11.6 يۈەن)، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى(ھەر سائەتتە 12 يۈەن) ۋە يۈننەن ئۆلكىسى(ھەر سائەتتە 13 يۈەن) باركەن.جايلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدە بۇنداق چوڭ پەرقنىڭ ساقلىنىشى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن بولغان. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2004 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئەڭ تۆۋەن مائاش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ يىللىق تۇرمۇش خىراجىتى سەۋىيەسى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش سەۋىيەسى، ئىشسىزلىق نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا بېكىتىلگەن. جۇڭگو ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ رايونى كەڭ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى، مال باھا سەۋىيەسى، كىرىم سەۋىيەسىدە نىسبەتەن زور پەرق بار، شۇڭا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىمۇ تەبىئىيلا نىسبەتەن چوڭ پەرق بولىدۇ.

  كىمنىڭ مائاشى ئەڭ تۆۋەن؟

  سۇ خەينەن مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش 1 – سېپىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمى ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بىلەن تەڭلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق يۇقىرى بولىدۇ. كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن قىسمەن ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئورۇنلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىش ئورنىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ قارا ئىشچىسى، مەلىكىلىك ئىشچى، يۈك توشۇغۇچى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئاشخانا مۇلازىمەتچىسى، ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىك باقارى ۋەھاكازالار.

  مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بېيجىڭنى مىسالغا ئالغاندا، تازىلىق ئىشچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، تاللا بازىرىدىكى مال ساتقۇچى، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسىنىڭ مائاش سەۋىيەسى ئاساسەن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن تەڭكەن، بولۇپمۇ ياتاق – تاماقنى كۆتۈرىدىغان ئىش ئورنىدا قولغا تېگىدىغان مائاش تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن. ئوخشاش تۈردىكى ئىش ئورنى ئىچىدە، ياشقا چوڭراق كەسىپكارلار مەسىلەن 50 ياشتىن يۇقىرى ئامانلىق ساقلىغۇچى، تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىقلارنىڭ مائاشى ئادەتتە تۆۋەنرەك بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ