مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى: شياڭگاڭ ساقچى ئەترىتىنىڭ ئۈچ ساقچى ئەمەلدارى مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامايىشچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئالدىدا شياڭگاڭ ساقچىلىرى مىسلىسىز بېسىمغا ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز بۇ شەھەرنى قوغداپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتۇق.
شياڭگاڭ ساقچى دائىرىلىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان يۈز بەرگەن زوراۋانلىق نامايىش ھەرىكىتىدە، شياڭگاڭ ساقچىلىرىدىن 178 كىشى يارىلاندى، رادىكال ۋە زوراۋان نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ مۇداپئە سىزىقىغا كۆپ قېتىم زەربە قىلدى ھەمدە ھۇجۇمچى قوراللار بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، قورال كۈچىنىڭ دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئىككى ئايدىن بۇيان، شياڭگاڭ ساقچىلىرى غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بەردى، ھەر قايسى رايونلۇق ساقچى مەھكىمىسى ئاز دېگەندە 76 قېتىم نامايىشچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى، تۇرۇشلۇق ياتاقلىرى زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ساقچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاتاق سېلىش ۋە بوزەك قىلىشقا ئۇچرىدى.
ساقچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ساقچىلىرى قانۇن ئىجراسىدا ئىنتايىن سەۋرچان بولدى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتى قانۇن ئىجراسىنىڭ ئاخىرقى چېكىگە ئۈزلۈكسىز خىرس قىلدى.
شياڭگاڭ ساقچىلىرى قانۇن ئىجراسى قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەزمەن ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ خاتىرجەملىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ