مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللىدى

2019.08.21 13:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى قۇتقۇزۇش» چوڭ يىغىلىشىدا، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى چاقىرىش ساداسىنى چىقاردى.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى، شياڭگاڭدا قارا يامغۇر ھەققىدە سېرىق رەڭلىك سېگنال چىقىرىلىپ، يامغۇر توختىماي ياغدى. بىراق ناچار ھاۋا-رايى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى توسۇۋالالمىدى. يىغىلىش شەھەر ئاھالىسىنىڭ بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇشى بىلەن باشلاندى. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ: 476 مىڭ شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى يامغۇرغا قارىماي يىغىلىشقا قاتناشتى، دېدى. كىشىلەر نەق مەيداندا «جۇڭگونى سۆيىمەن، شياڭگاڭنى سۆيىمەن»، «ساقچىلارنى قوللايمىز، قانۇن قاتتىق ئىجرا قىلىنسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى، باش مەمۇرنى، ساقچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  يىغىلىش نەق مەيدانىدا، شياڭگاڭنىڭ مائارىپ، قانۇن ، ئەدەبىيات-سەنئەت ، سودا-سانائەت، ساھەسىدىكىلەر، تاكسى كەسپى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ زوراۋانلىقنى ئەيىبلەپ، شياڭگاڭنى قۇتقۇزۇشنى مۇراجئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ