پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساناتورىيەلەرنىڭ 360 مىڭ مۇلازىمەت يوشۇرۇن خەۋپى تۈزىتىلدى
2019.05.24 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىكتە 23-ماي سىن يىغىنى ئېچىپ، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسى مۇلازىمەت سۈپىتى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.
مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، ئالدىنقى بىر باسقۇچلۇق مەخسۇس ھەرىكەت خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ تۈزەش ئارقىلىق، 360 مىڭ مۇلازىمەت يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساناتورىيەلەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۈنۈملۈك توسقان ۋە مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلغان؛ «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ئاساسىي قائىدىسى»، «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ۋە باھالاش» قاتارلىق دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، جايلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىنىستىر، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە ساناتورىيەلەرنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ قېتىم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتىدىكى كەسىپكارلارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ