مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئىككى مەھكىمە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت تۆلىمىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنىڭ كۈندىلىك تۆلىمى 315.94 يۈەن بولدى

2019.05.16 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15-ماي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2019-يىل 5- ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ چىقىرىلغان دۆلەت تۆلىمى قارارىدا پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا چېتىلىدىغان تۆلەم پۇلى ئۆلچىمىنىڭ ھەر كۈنلۈكى 315.94 يۈەن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  شۇ كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 10-تەپتىش نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان بولغان دۆلەت تۆلەم دېلوسىنى بېجىرىشتە، يېڭى كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 10-تەپتىش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت تۆلەم قانۇنىدا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنىڭ ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 14-ماي ئېلان قىلىشىچە، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 82 مىڭ 461 يۈەن بولغان. ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەمىنلىگەن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاش ھېسابلاش فورمۇلاسىغا ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان دۆلەت تۆلىمى دېلوسىغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 10- تەپتىش نازارىتى يېڭى كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمىنى 315.94 يۈەن قىلىپ بېكىتتى. ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى 15- مايدىن باشلاپ بۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ