خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 18- كۈنى، بىر قانچە پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، «مائارىپقا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى» ۋاگونىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
3- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە، غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 589 نەپەر پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىسى گەنسۇ لەنجۇدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو تۆمۈر يولى لەنجۇ ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى مەخسۇس ئاجىراتقان K4091 قېتىملىق «مائارىپقا ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى»غا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدا پىراكتىكا قىلىپ مائارىپقا ياردەم بېرىشتەك بىر مەۋسۇملۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2008- يىلىدىن بۇيان، غەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 22 تۈركۈمدە شىنجاڭغا پراكتىكانت ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا جەمئىي 4339 نەپەر ئوقۇغۇچى شىنجاڭدا مائارىپقا ياردەم بېرىشنى پراكتىكا قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن بىن فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى