خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- مارت، ھىندىستاننىڭ كاناتاكبوندارۋاد شەھىرىدە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا نەق مەيدانىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارماقتا. ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كاناتاك ئىشتاتىدا بىر سېلىنىۋاتقان بىنا 19- چېسلا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇنىڭدا ھازىر ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان، 40چە ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى