سۈرەتتە: زىمبابۋېنىڭ مانىكالان ئۆلكىسىدىكى چىمانىمانىدا، بىر كۆۋرۈكنى سۇ ئېلىپ كەتتى (3-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىمبابۋې ئەمەلدارى 17-مارت كەچتە مۇنداق دېدى: 15-چېسلا كەچتە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلغان كۈچلۈك تروپىك بەلۋاغ سىكلونى «ئىداي» زىمبابۋېدا 70 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، نەچچە يۈز ئادەمنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە سىكلون مەركىزى زىمبابۋېدىن ئايرىلدى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى