خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا تارتىلغان بولۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكۈزگەن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى يىغىنى (19- مارت تارتىلغان).
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 19- چېسلا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1540- كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېجانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، دۇنيا بويىچە «كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش»بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى