خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ۋىدالاشتى.جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى داڭدار رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يولداش ئىسمايىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 84 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.
يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇۋاتقان مەزگىللەردە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
10- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى زالىدا قايغۇلۇق ۋە مۇسىبەتلىك كەيپىيات ئىچىدە ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. چوڭ زالنىڭ دەل ئۇدۇلىنىڭ يۇقىرىسىغا «يولداش ئىسمائىل ئەھمەدكە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، ئاستىغا يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ سۈرىتى ئېسىقلىق ئىدى. يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى گۈل-چېچەكلەر ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىقلىق ئىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈشۈپ، يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىمدىن تازىم قىلىشتى ھەمدە ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ھال سورىدى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىمۇ باباۋشەنگە بېرىپ، ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەمدە يولداش ئىسمايىل ئەھمەدنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى