بۇ، 1981 - يىلى 8- ئايدا، يولداش ئىسمائىل ئەھمەد قاتارلىق يولداشلار يولداش دېڭ شياۋپىڭغا ھەمرا بولۇپ شىنجاڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شەرق شامىلى گۇڭشېسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بىرلىكتە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گۇاڭكۇەن فوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى داڭدار رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن، 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ھاياتى — شەرەپلىك ھايات، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزملىق ئالىي غايە ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور بىر يوقىتىشتۇر. بىز ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب خىسلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ زﯨﭻ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى.
يولداش ئىسمائىل ئەھمەد مەڭگۈ ھايات !
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18ـ ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى