ئەمدىلا چوڭقۇر دېڭىزدىن دېڭىز يۈزىگە چىققان «چيەنلوڭ 3-نومۇر» (ئوڭدا) ۋە ئانا كېمە «ئوكيان 1-نومۇر» (25-ئاپرېل تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان «خەيلوڭ 3-نومۇر» «خەيلوڭ 11 مىڭ» ئادەمسىز ئارقانلىق چۆككۈ ۋە «چيەنلوڭ 3-نومۇر» ئادەمسىز ئارقانسىز چۆككۈنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا 12 قېتىملىق چۆكۈشى تاماملانغاندىن كېيىن، «ئوكيان 1-نومۇر» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چىڭداۋ شەھەرلىك دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى شىمالىي دېڭىز شۆبىسى ئىلمىي تەكشۈرۈش بازىسىنىڭ پىرىستانىدا توختاپ، «ئوكيان 1-نومۇر» ناملىق كېمىنىڭ مۇددىتى 45 كۈن، مۇساپىسى 6208 دېڭىز چاقىرىملىق بولغان دېڭىزدا ئۇنىۋېرسال سىناق قىلىش ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى