4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خاڭجۇ رۇيۋو ئەقلىي مېھمانخانىدا، خېرىدارلار «ئېلېكتىرونلۇق كىملىك» ئىشلىتىپ، مېھمانسارايغا كىرىش رەسمىيىتى بېجىرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 1-تەتقىقات ئورنىنىڭ «ئالاقە تورى + ئىشەنچلىك سالاھىيەتنى بېكىتىش سۇپىسى (CTID)» بېكىتكەن «ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ توردىكى ئىقتىدار ئىسپاتى» تۇنجى قېتىم ئالىپايدا ئېچىلدى ھەمدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجۇ، خاڭجۇ، فۇجيەننىڭ فۇجۇ قاتارلىق ئۈچ شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا نۇقتىدا سىناق قىلىندى.
چۈجۇ شەھىرى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاپتوماتىك ماشىنىسى، خاڭجۇ رۇيۋو ئەقلىي مېھمانخانىسى ۋە فۇجۇ يولۇچى توشۇش شىمالىي بېكىتىنىڭ ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئايرىم-ئايرىم بۇ قېتىمقى ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش مەيدانى قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى