باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن ئارمىيەدە <قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش> تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.03.17 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن ئارمىيەدە <قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش> تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يادرولۇق مەزمۇن ۋە تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش-تەربىيەگە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەنىڭ روھى ۋە مىزانىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرگە ماس يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈشتە پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى مۇستەھكەم تىكلەش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەت، ۋەزىپە، تەلەپلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان زور نەزەرىيەۋى ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش ھازىرلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېما بېكىتىپ، قاراتمىلىق تەربىيە ۋە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىدا ساقلانغان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىل ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ تۈزىتىپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك، تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ئاكتىپ، ساغلام بولغان سىياسىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىپ، «تۆتتە لاياقەتلىك» پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغان يېڭى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى ھەقىقىي تۈردە گەۋدىلىك ئوۇنغا قويۇپ، رەھبەرلىك قىلىش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ ۋە لايىھە تۈزۈپ، كونكرېت يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى ئۆگىتىش، ئۆگىنىش، ئەمەلدە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىدىيىۋى تەكشۈرۈشنى ئەمەلىي تۈتۈپ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەربىيە شەكلى-ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەنىڭ يېڭى ئىستىل، يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەربىيەنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر