باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كەسپىنى بېجىرگەندە، كۆپ سۇپىدا ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەشكە بولىدىغان بولدى

2018.03.17 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ بېيجىڭدا چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كەسپىنى بېجىرگەندە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈندىدار، چىقىمدان (支付宝)، جىڭدۇڭ APP قاتارلىق كۆپ خىل پۇل تۆلەش سۇپىلىرى ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىسە بولىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەش نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئاھالىلەر ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىش كىنىشكىسىنى بېجىرىش قاتارلىق بارلىق چېگرادىن چىقىپ-كىرىش كەسىپلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ، ساقچى تەرەپ پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن ئۈندىدار، چىقىمدان (支付宝)، جىڭدۇڭ APP قاتارلىق كۆپ خىل پۇل تۆلەش سۇپىلىرى ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە بولىدۇ.

  ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ئىلتىماس قىلغۇچىلار چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىنى بېجىرگەندە قايتۇرۇلىدىغان بېتىدىكى ئىككىلىك كود بىردىنبىر ۋە ۋاقىت چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، يەنى كەسىپ بېجىرگەن شۇ كۈندىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەتىسى ياكى پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن كۈچىدىن قالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلار چېگرادىن چىقىش-كىرىش كەسپىنى بېجىرگەندە، چوقۇم تېزدىن ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تۆلەش لازىم. ناۋادا ئىككىلىك كود ئەمەلدىن قېلىپ، پۇل تۆلىيەلمىگەنلەر تېزلىكتە چېگرادىن چىقىپ-كىرىش كەسپىنى بېجىرىش ئورنىنىڭ كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ پۇل تۆلەپ، كىنىشكا بېجىرىشكە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر