باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى 35 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى

2018.03.17 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، تەكشۈرۈش پىلانى ۋە خامچوت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، خادىملىرى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى خادىملىرىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە بېرىپ پىكىر ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلاننى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى. گوۋۇيۈەن 45 تارماقنىڭ مەسئۇلىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ئاڭلاشقا، 88 ئادەم/قېتىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 35 ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يىغىندا، تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل، كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى؛ خىزمەتلەرنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت دائىرىسىگە تەۋە، نەق مەيداندا جاۋاب بېرەيلەيدىغانلىرىنى ئەستايىدىل، تەپسىلىي ئېنىق چۈشەندۈردى، نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش تەس مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، يىغىندىن كېيىن ۋاقتىدا مۇۋاپىق جاۋاب بەردى.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 5-مارتتىن 9-مارتقىچە ھەر قايسى مەھكىمە، ئىدارىدىكى 185 خادىمنى يىغىنغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئۇدا 3-يىلى خادىملارنى ھەر قايسى ئۆمەك، تەشكىلاتلارغا بېرىپ يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى.

  يىغىندا، خادىملار ھەر قايسى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى قاتارلىقلارغا بەرگەن بىۋاسىتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى، مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان، بىر قەدەر تىپىك ۋە ئۆتكۈر پىكىر-تەكلىپلەر، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجادىي، يېڭىلىق يارىتىشچان، قوللانغىلى بولىدىغان يېڭى، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەر، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قىزىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق خاتىرىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئىككى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىش خىزمىتىدە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى خىزمەتچىلىرى ۋەكىل، ئەزالاردىن 5535 پارچە پىكىر-تەكلىپ توپلاپ، مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغان، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە 404 پىكىر-تەكلىپنى تاللاپ رەھبىرىي يولداشلارغا مەلۇم قىلغان ۋە بۇنىڭ ئىچىدىن يەنە قىسمەن پىكىر-تەكلىپلەرنى تاللاپ، گوۋۇيۈەندىكى 37 تارماقنىڭ ۋەكىل، ئەزالارغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  ئىككى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىش ئەقىل ۋە كۈچ توپلاش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىغا ئايلىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، ئەلرايىنى ئاڭلاش مۇلازىمەت ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر