باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 325 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى

2018.03.17 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئۇقۇشۇمچە، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى بېكىتكەن ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىشىنى توختىتىش قەرەلى توشقىچە، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسى ۋەكىللەر بەرگەن 325 پارچە تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 12 پارچە تەكلىپ بەرگەن، ۋەكىللەر بىرلىشىپ 313 پارچە تەكلىپ بەرگەن.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەكلىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو جېنخۇا مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنىڭ 322 پارچىسى قانۇن چىقىرىشقا چېتىلىدۇ. مەزمۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە مەركەزلەشكەن: بىرىنچى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى بىلەن دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ماسلىشىپ، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئىككىنچى، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەق تەلەپ قانۇنى كودېكىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى تەھرىرلەش، سودا قانۇنى ئومۇمىي پىرىنسىپى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى، سۈپەتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئىجتىمائىي كىرېدىت قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنى چىقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، دورا باشقۇرۇش قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ تۆتىنچى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بەشىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمان قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىشىمىزچە، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى يەنە ۋەكىللەرنىڭ 7100 پارچىدىن ئارتۇق تەۋسىيىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ تەۋسىيىلەردىكى ۋەكىللەر كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سەھىيە، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلار.

  گو جېنخۇا مۇنداق دېدى: قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى بىرمۇبىر ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، دەسلەپكى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرتىپ بويىچە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، يىغىندىن كېيىن ئالاقىدار ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا بىر تۇتاش تاپشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جاۋاب بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر