باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭەشتى

2018.03.17 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 16-مارتتىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭىشىشكە باشلىدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر نامزاتى ئىسىملىكىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە تەۋسىيە قىلغان. 15-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 5-يىغىنىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن شى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىگە تەۋسىيە قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر نامزاتى ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 5-يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسى نامزاتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزات سۈپىتىدە، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىپ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  16-مارت چۈشتىن كېيىن ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يۇقىرىقى نامزاتلارنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭەشتى.

  قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى چىقىرىشىغا سۇنىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى چىقىرىشىغا سۇنىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، كومىتېت ئەزالىرى نامزاتىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى چىقىرىشىغا سۇنىدۇ.

  قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، 17-مارت ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، كومىتېت ئەزالىرى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭىشىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭىشىدۇ. 18-مارت ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ كېڭىشىدۇ.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 17-مارتتىن 19-مارتقىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەرنى سايلاپ چىقىدۇ ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر