باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سوڭ تاۋ چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2017.11.21 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ تاۋ 17- چېسلادىن 20- چېسلاغىچە چاۋشيەندە زىيارەتتە بولدى، ھەمدە چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە سۆھبەتلەشتى. سۇڭ تاۋ 19- قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق روھى ۋە تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش قىلدى. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارىلىقتا، سوڭ تاۋ يەنە ئالاقىدار ئېكسكۇرسىيە بۇيۇملىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە خوئېچاڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ قەبرە سۈپۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر