خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بويىچە تۇنجى كىۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىش غول لىنىيەسى — «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى» 29-سېنتەبىر رەسمىي ئېچىلدى. ئېلىمىز ئالىملىرى «موزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋسترىيە بىلەن دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم قىتئەلەر ئارا كىۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، ئىلىمىزنىڭ ئاسمان-زېمىننى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن كەڭ دائىرىلىك كىۋانت خەۋەرلىشىش تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى»نىڭ بېيجىڭ تىزگىنلەش مەركىزىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بەي چۈنلى 29-سېنتەبىر كىۋانت مەخپىي شىفىر قوشۇلغان سىنلىق يىغىن سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، 29-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم خېفېي، جىنەن، شاڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆزلەشتى.
2013-يىلى تۈر تۇرغۇزۇلغاندىن بۇيان، «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى» تۈر گۇرۇپپىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك كىۋانت شىفىرلىق ئاچقۇچىنى تارقىتىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك، يۇقىرى يەككە فوتونلۇق تەكشۈرۈش، ئىشەنچلىك ئۇلاپ يوللاش ۋە چوڭ كۆلەمدىكى كىۋانت تور باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قاتارلىق بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. نۆۋەتتە، بېيجىڭ، جىنەن، خېفېي، شاڭخەينى تۇتاشتۇرىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2000 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كىۋانت مەخپىي خەۋەرلىشىش غول لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى ھەمدە بېيجىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسى ئارقىلىق «موزى» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بىلەن ئۇلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كەلگۈسىدە پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان كىۋانت مەخپىي ئالاقىلىشىش تورىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلاندى.
«بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى» تۈرىنىڭ باش ئالىمى، ئاكادېمىك فەن جيەنۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىۋانت ئالاقىلىشىشى بۈگۈنگە قەدەر تەلتۆكۈس ئىسپاتلانغان بىردىنبىر شەرتسىز بىخەتەر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولۇپ، كەلگۈسىدە «بېيجىڭ-شاڭخەي غول لىنىيەسى»نى ئاساس قىلىپ، كىۋانت خەۋەرلىشىشىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇكەممەل بولغان كىۋانت ئالاقە كەسپى زەنجىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كېيىنكى ئەۋلاد ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئاخىرىدا كىۋانت خەۋەرلىشىش بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاساسىدىكى كىۋانت ئالاقە تورى بەرپا قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى