باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى كۆزەتكەندە، «ئىسلاھات» 83 قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، 11 سېكۇنت قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىلدى

2017.03.06 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، «ئىسلاھات» سۆزى 83 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز بولدى.

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇلتۇر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى، بەلگە ۋە تىرەك خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى، ئالايلۇق، ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يادرولۇق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداش ئاساسىدا، بۇلتۇر يەنە گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن يەرلىكتە يولغا قويۇلغان 165 خىل تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 192 خىل تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئىشى، 220 خىل كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتىنى بېكىتىش ئىشلىرى تەرتىپكە سېلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلدى. سودا ئىشلىرى ئىسلاھاتى، دۆلەت كارخانىلىرىنى تەڭشەپ قايتا تەشكىللەش ۋە ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىسلاھات، بايلىق بېجى ئىسلاھاتى، پەن-تېخنىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى باھالاش، تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى...بۇلتۇر، بۇ بىر قاتار مۇھىم ساھەلەر ۋە ھالقىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

  2017-يىلى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆپ تەكىتلىنىدىغان سۆزگە ئايلاندى. بۇ يىللىق مالىيە بېجى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى جەھەتتە، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپى رەتكە سېلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ «مۇداپىئە تېمى» مۇستەھكەملىنىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا، «ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىسلاھات
چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكتر كۈچى، نېفىت، تەبىئىي گاز، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى، تېلېگراف، ئارمىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ماھىيەتلىك قەدەم بېسىلىدۇ».

  بۇنىڭدىن باشقا كىرىمنى تەقسىملەش تۈزۈمى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى، داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىك، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى، يېزا ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىمۇ ئاساسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  100 مىنۇتقا يېقىن ۋاقىتتا، لى كېچياڭ تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ۋە بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەسلىدى. مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل يىغىن مەيدانىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى، ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم، جەمئىي 40 قېتىم قىزغىن چاۋاك چېلىندى. ئەڭ ئۇزاق چېلىنغان بىر قېتىملىق چاۋاك «بۇ يىل يان تېلېفوننىڭ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى» غا چېلىندى. پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ سۆزگە 11 سېكۇنتقا سوزۇلغان قىزغىن ئالقىشىنى ياڭراتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر