باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەربىي دوختۇرخانىلارنىڭ قىسىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى ئېچىلدى

2017.02.28 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئارمىيە بويىچە % 95تىن كۆپرەك دوختۇرخانا (كىلىنىكا بۆلۈمى ۋە شۆبە بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قىسىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش 336 قىزىق لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىنىدۇ ھەم رەسمىي ئېچىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قىـزىق لىنىيەلىك مۇلازىمەتتە دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن، ھېيت-بايرامنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر ھەپتىدە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە سائەت 8:00دىن 11:30غىچە ۋە سائەت 14:30دىن 17:30غىچە قىزىق لىنىيەلىك مۇلازىمەت ۋاقتى بولىدىكەن.

  قىسىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسى ئاساسلىقى ئالتە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئارمىيەنىڭ داۋالاش كاپالىتى سىياسىتى تۈزۈمىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە جاۋاب بېرىش؛ كېسەل كۆرسىتىش ۋە داۋالىنىش توغرىسىدا سورالغان مەسىلىگە مەسلىھەت بېرىش ھەمدە مۇناسىپ ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى قانات يايدۇرۇش؛ ھەربىي دوختۇرخانىلاردىكى كېسەللەر ۋە يارىدارلار ئۈچۈن كوللېكتىپ تەكشۈرۈش ۋە باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىش؛ ئۇلارنىڭ داۋالىنىش مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە قىسىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش؛ داۋالاش مۇلازىمىتى كاپالىتى ۋە قىسىملار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ئەرز قىلىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ھەربىي دوختۇرخانىلاردىكى كېسەللەر ۋە يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشتىن رازى بولۇشىنى ئىز قوغلاپ باھالاش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر