- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنى 3- ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدۇ
2017.02.28 14:38 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار
(2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاتارلىقلارنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر