خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- سېنتەبىر، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا ماتەم بىلدۈرمەكتە.
27- سېنتەبىر سەھەردە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ شىزۈيشەن شەھىرى شيالىنلى كۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر كان ئۈچىنچى قۇدۇقىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، 27- سېنتەبىر سائەت 22دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، ۋەقەدە 18 كىشى قازا قىلدى، يەنە ئىككى كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوق. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى