باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا ۋاڭ گۇاڭچيەن: « 10 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى پىلان » نى يولغا قويۇپ، غەربىي قىسىمدىكى ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دېدى

2016.03.11 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭچيەن دۆلەت ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن غەربىي رايوندىكى ئالىي ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى قوللىشىمىز كېرەك. دېدى.

  ۋاڭ گۇاڭچيەن مۇخبىرلارغا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى دېدى: چىڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆلكىمىزدىكى «211 قۇرۇلۇشى»دىكى ئالىي مەكتەپ، ھازىر دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى پەقەت 167 نەپەر. خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئۆلكىگە تەۋە «211 قۇرۇلۇشى»دىكى ئالىي مەكتەپتە بولسا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 1700 نەپەر، ھەتتا مەلۇم بىر پېداگوگىكا مەكتەپتىمۇ 300 نەپەر ئوقۇتقۇچى دوكتور ئىكەن.

  قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا، ۋاڭ گۇاڭچيەن تەكلىپ بېرىپ، « 10 مىڭ كىشىلىك پىلان »دا پەقەت ئادەم تاللاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، « 10 مىڭ كىشىلىك پىلان ئورۇن»نى كۆپەيتىش كېرەك. مەسىلەن، غەربىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 300 ئىش ئورنى بېرىش، تاللانغانلار غەربىي رايونغا كېلىپ ئىشلەش، ئىش ئورۇن 10 مىڭ كىشىلىك پىلانى تەمىناتىدىن تەمىنلىنىش كېرەك. مەسىلەن، ئالىي ئىختىساسلىقلار ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەندىن 300 مىڭ يۈەنگىچە ئىش ئورنى قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن ، دوكتورلار 100 مىڭ يۈەن ئىش ئورنى قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولسا، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق غەربىي رايونغا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە؛ خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر