باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا ئىشلىرىنى ياراشتۇرۇش مەركىزى نىڭشيادا قۇرۇلدى

2015.09.14 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا ئىشلىرىنى ياراشتۇرۇش ئاپپاراتى بولغان جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا ئىشلىرىنى ياراشتۇرۇش مەركىزى تۈنۈگۈن نىڭشيادا قۇرۇلدى، ئۇنىڭ يادرولۇق ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان كاتىبات باشقارمىسىمۇ شۇ كۈنى نىڭشيادا قۇرۇلدى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا ئىشلىرىنى ياراشتۇرۇش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى- جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىدىكى كارخانىلارنىڭ سودا جەريانىدا سودا خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سودا ماجرالىرىنى تۈگىتىش، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپلىك سودا ئىشلىرى ماجرالىرىنى تېخىمۇ كۆپ بىرلىكتە ياراشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى سودا ئىشلىرىنى ياراشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ياراشتۇرۇش دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش تەرتىپى مۇنداق ئىكەن: دەۋالاشقۇچىلار ياراشتۇرۇش ئىشخانىسى ياكى ياراشتۇرۇش مەركىزى كاتىبات باشقارمىسىغا ياراشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇش، ياراشتۇرۇش مەركىزى كاتىبات باشقارمىسى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ياراشتۇرۇش ئىشخانىسى ياكى ياراشتۇرۇش خادىملىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش، ئاندىن كېيىن ئالاقىدار خادىملار ئۆز دۆلىتىدىكى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، شۇندىن كېيىن ئىككى تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىلارنى يۈز تۇرانە يىغىن ياكى تېلېفون بېرىش، ئېلخەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ياراشتۇرۇش، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىق پىكىرگە كېلىپ يارىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر