باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئىسپات بېرىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىندى

2015.09.14 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق جۇڭگو نىڭشىيا خەلقئارا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئىسپات بېرىش ھەمكارلىق مۇنبىرىدە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن 190دىن ئارتۇق مۇتەخەسسس، ئالىم، كارخانا ۋەكىلى نىڭشىيانىڭ يىنچۇەنگە جەم بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئىسپات بېرىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلدى.

  يەنە بىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2015-يىللىق جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمە تۈرىنىڭ توختام ئىمزالاش مۇراسىمى 11-سېنتەبىر يىنچۇەندە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئىقتىساد سودا پائالىيىتىدە 163 توختام ئىمزالانغان بولۇپ، سېلىنغان ساپ مەبلەغ سوممىسى 171مىليارد 200مىليون يۈەنگە يەتكەن. جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە تۈرلۈك مۇنبەر، تونۇشتۇرۇش يىغىنى تۈرىنىڭ كېڭىشىش ئۈنۈمى روشەن بولغان، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان. كۆرگەزمىنىڭ توختام ئىمزالاش تۈرى- ئېنېرگىيە خىمىيىۋى سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسمىچىلىقى، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر، مەدەنىيەت ساياھىتى، پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر