- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى 979 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى
2015.03.03 16:24 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-مارت تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 2-مارت سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ تەكلىپ گۇرۇپپىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2-مارت سائەت 17 گىچە 979 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىپ، 657 سىگە دېلو تۇرغۇزغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ يىلقى تەكلىپلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن: بىرىنچىسى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئەزالار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشقا باغلاپ، «13-بەش يىل» پىلانى تۈزۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلۋېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى پائال يولغا قويۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر