- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«بېيجىڭ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى»دىكى چېگرا ھالقىغانلارنىمۇ قوغلاپ تۇتۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2014.11.09 16:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-نويابىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا «بېيجىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى» ماقۇللىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق تورى قۇرۇلدى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قاچقانلارنى، ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ھەمكارلىشىپ چېگرا ھالقىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى تاڭ گوچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىپ بىرلىكتە قويغان ئىمزالىق خىتابنامە پۈتۈن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرى قول تۇتۇشۇپ چىرىكلىككە، پاراخورلۇققا زەربە بېرىشتە كونكرېت تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقنىڭ سىگنالىنى بەردى، بۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۈجىمەل» نۇقتىلار يورىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر