باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

كارخانىلارنىڭ تەربىيەلەش نىسبىتى %70 تىن تۆۋەن بولمايدۇ

2014.11.12 16:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەربىيەلەش نىسبىتى %70تىن تۆۋەن بولمايدىكەن، قالغان قىسمىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئىش ئورنى، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەر ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بويىچە ‹‹زاكاز قىلىش، ئورۇن، يۆنىلىش بەلگىلەش›› تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى نۇقتىلىق بىرلەشتۈرىدىكەن. تەربىيەلەش ئوبيېكتى ئاساسلىقى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ياش، قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرى ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار تەربىيەلەشتىن ئىلگىرى تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بار ئوبيېكت ۋە ئادەم سانىنى ئېنىقلاپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەندىن كېيىن 2 –، 3 – كەسىپ كارخانىلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ يەنە پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش ئېھتىياجى بار ئوبيېكت ۋە ئادەم سانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەندىن كېيىن يېقىن ئەتراپقا، ئۆز جايىغا پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە كارخانىلارنىڭ ئادەمگە ئېھتىياجلىق كەسىپ (ئىش تۈرى) ۋە ئادەم سانىنى ئېنىقلاپ، شۇ رايوننىڭ تەربىيەلەش پىلانىنى مۇۋاپىق بېكىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر