باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇغراپىيەلىك بەلگە مۇلازىمىتى بىزگە نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى؟

2014.11.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى بىلەن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېقىندا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، ۋاكالەتچى بولۇش توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى. توختامغا ئاساسەن شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى گۈل چاي، بەرەڭگى، قوتاز گۆشى، ئۆچكە گۆشى قاتارلىق ئالتە خىل ئېگىزلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ۋاكالەتچى بولۇشنى ھۆددە ئالدى. ئۇنداقتا، شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماركا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق تۆھپىلەرنى قوشتى؟ يېقىندا بىز شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ھۈسەيىننى زىيارەت قىلدۇق.

  ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسى مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ كېلىپ چىققان جايىنى كۆرسىتىدۇ ھەم شۇ تاۋارغىلا خاس بەلگە ھېسابلىنىدۇ. جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان تاۋارلارنى قوغداش ھازىر خەلقئارادىكى ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى قوغداشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلىدۇر.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، جۇغراپىيەلىك بەلگە مەنبەسىمۇ مول. 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 70تىن ئارتۇق تاۋارنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس سۇنۇلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 21 جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىمىز ۋاكالىتەن بېجىردى.

  شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندىن بۇيان قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟

  شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ماركا ئېلىش خىزمىتىنى يادرولۇق كەسىپلەر قاتارىدا تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ۋاكالەتچى بولۇش، مەسلىھەت بېرىش كەسىپلىرىنى بېجىردى، ئۇچ يىل ئىچىدە 1862 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى رويخەتكە ئالدۇردى ھەم ماركا پىلانلاش ۋە بازار ئېچىش، ماركا باشقۇرۇش، پاتېنت ھوقۇقى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرىش، تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللاندى. يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى رويخەتكە ئېلىپ قوغداش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. 2012 – يىلى شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ‹‹قەشقەر›› ماركىسىدىكى ئون نەچچە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر بىز يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىگە خوتەننىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسى ئىلتىماس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغانىدۇق. بۇ تۈر خوتەن ۋىلايىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى 9 – ئايدا ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىمىز ‹‹خوتەن ياڭىقى››، ‹‹خوتەن ئۈزۈمى››، ‹‹خوتەن چىلىنى››، ‹‹خوتەن گىلىمى›› قاتارلىق ئون چوڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا تۇتۇش قىلغانىدى، ھازىر رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشى ئاساسەن تاماملاندى.

  ئۇقۇشىمىزچە، شىنجاڭ ماركا ئىشلىرى تەتقىقات ئورنى يۇقىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە قۇمۇل، سانجى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ماركا ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق كەسىپلەردە كېلىشىم ئىمزالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر