باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپنۇر كۆلىدە ئالتە خارابە بايقالدى

2014.11.12 23:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 كۈن داۋاملاشقان لوپنۇر كۆلىنىڭ تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئاياغلاشتى، پەن تەتقىقاتچىلار پايانسىز چۆللۈكتە ئالتە خارابىنى بايقىدى ھەم ئەينى چاغدىكى كىرورەن قەدىمىي شەھىرىدە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  لوپنۇر كۆلى قەدىمدە جۇڭگونىڭ 2-چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق كىرورەن مەدەنىيىتىنى ياراتقان، تاڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇن يەنىلا يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولغان. 20-ئەسىرگە كەلگەندە، لوپنۇر كۆلى تەدرىجىي تارىيىپ ۋە قۇرۇپ، سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ، نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەر دىققەت قىلغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ۋە ھاۋا رايى مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلدى.

  لوپنۇر كۆلىنىڭ تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلمىي تەكشۈرۈش تۈر مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم قەدىمىي دەريا تورىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدىغان دەريا قىنى ئاساسەن ئىسپاتلانغان، بۇ قانال بولماستىن، بەلكى ۋادا ھالقىپ سۇ يەتكۈزۈلگەن دەريا قىنى ئىكەن؛ يەنە ئالتە خارابە بايقالغان، بۇنىڭ ئىككىسى يېزا ۋە شەھەر دەپ پەرەز قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ئۆلچەش، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق، كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ دەريا بولغانلىقى سەۋەبىدىن قۇرۇلغانلىقى ئاساسەن ئىسپاتلانغان؛ يارداڭلىقنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن قومۇش يىلتىزلىرى بايقىلىپ، ئەينى چاغدىكى كىرورەن قەدىمىي شەھىرىدە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر