- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەز 2-قېتىملىق كۆزىتىشىدە كۆزىتىلگەن جايلار ۋە ئورۇنلار تۈزەش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
2014.06.23 20:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 18-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن تۈزەش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ بىلەن، 2013-يىللىق مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2-قېتىمدا كۆزەتكەن جىلىن، سەنشى، ئەنخۇي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق 6 ئۆلكە ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنشيا گۇرۇھى قاتارلىق 4 ئورگاننىڭ ھەممىسى تۈزەش «نەتىجىسى»نى ئېلان قىلىپ بولدى.
مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى بۇلتۇر 10-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2 ئاي داۋاملاشقان. بۇ يىل 2-ئايدا، مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن كۆزىتىلگەن رايون ۋە ئورگانلارغا كۆزىتىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆزىتىلگەن جايلار ۋە ئورۇنلاردىكى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزەش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر