باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك(1)

− ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا

2013.07.25 08:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، خەلق ئۈچۈن پاك، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك قىممەت ئىنتىلىشىنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۈرەش نىشانىغا تېخىمۇ تېز يېتىپ، ئامما كۈچلۈك ئىنكاس قىلىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پائالىيەتنىڭ قانداق قانات يايدۇرۇلۇشى ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشىشكە باغلىق. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە باھا بېرىدىغان مۇھىم ئۆلچەم.

  ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى مەركىزىي خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىدا قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ ئىكەنلىكىنى مۇستەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىجرا قىلىش ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھازىرقى ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىكنى توسۇش خىزمىتىدە، بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدىكى ھالقىما تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە، تۈپتىن ھەل قىلىش سىياسىتى سۈپىتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مائارىپ خىزمىتىدە، روھىي تۈۋرۈك سۈپىتىدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە، تەشكىلىي كاپالەت سۈپىتىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. باشتىن – ئاخىر ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىي خىزمەتلەردە نامايان قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل