باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە «گۇگول يولى»

2013.07.25 08:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى بىل رىچاردىس بىلەن «گۇگول» شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئېرىك سىمىت ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بېيجىڭ ئارقىلىق چاۋشيەن پايتەختى پيۇڭياڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەندىكى تۆت كۈنلۈك «خۇسۇسىي ئىنسانپەرۋەرلىك زىيارىتى» نى باشلىۋەتتى. بىل رىچاردىس بۇ سەپىرىنىڭ مەقسىتى چاۋشيەننىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، بۇلتۇر نويابىردا چاۋشيەن تۇتۇۋالغان ئامېرىكا پۇقراسى پېي جۈنخاۋ بىلەن ئالاقىلىشىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرى چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگىنىگە بىر ئاي بولمىغان نازۇك ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكتىن، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان.

  بىل رىچاردىس ئىلگىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە جىددىي ئەھۋال مۇرەسسەچىسىلىك سالاھىيىتى بىلەن چاۋشيەننى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، چاۋشيەن بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ئۇ چاۋشيەنگە ئىككى قېتىم بېرىپ، چاۋشيەن تۇتۇپ قالغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇپ كەلگەن.

  چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپتىكى ئەلچىسى خارت بىلەن چاۋشيەننىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن ۋەكىلى خەن چېڭلېينى مەركەز قىلغان «نيۇ يورك يولى» مەۋجۇت، ئامېرىكا يانۋار خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن چاۋشيەننى جازالاش قارارىنى ماقۇللاشنى ئۈمىد قىلغان. شۇڭا بەزىلەر بىل رىچاردىسنىڭ بۇ سەپىرى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بىل رىچاردىسنىڭ بۇ سەپىرىدىن خۇش بولۇپ كەتمىگەن.

  «گۇگول يولى» ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ ھازىرقى قاتمال ھالىتىنى قانچىلىك ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ بىل رىچاردىس بۇ سەپىرىنىڭ «خۇسۇسىي ھەرىكەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە چاۋشيەننى پېي جۈنخاۋنى قويۇپ بېرىشكە قايىل قىلدۇرۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، سىرتتىكىلەرنىڭ بۇ سەپەرگە بەك ئۈمىد بىلەن قارىماسلىقىنى بىلدۈرگەن. بىل رىچاردىس مۇنداق دېگەن: ئېرىك سىمىت بىلەن بولغان بۇ سەپىرىمىزدە چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدىكى ئەمەلدارلار، شۇنداقلا كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي ، سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىشىمىز مۇمكىن. چاۋشيەننى بىللە زىيارەت قىلغان بىل رىچاردىسنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېگەن: چاۋشيەن ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىكنى ئالدىراپ ئېچىۋەتمەسلىكى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل